باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېرمانىيەنىڭ ئارمىيەنى كېڭەيتىپ مۇداپىئەنى كۈچەيتىشى نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

2017.03.04 13:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا ئارمىيەنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەسپىي ھەربىيلەرنى %10 كۆپەيتىش، ھەربىي خامچوتنى ئاشۇرۇش، ئاتالمىش «ئۈزلۈكسىز ئېغىرلىشىۋاتقان مەسئۇلىيىتى»نى ئۈستىگە ئېلىشنى پىلانلىدى. جامائەتچىلىك گېرمانىيەنىڭ ئارمىيەنى كېڭەيتىشى ئامېرىكا تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ كۆپرەك مۇداپىئە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن دەپ قارىدى. ئەمما ئامېرىكا رۇسىيە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېلىشىشى كەسكىنلىشىۋاتقان ھازىرقى پەيتتە، گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەرىكىتى نۇرغۇن تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان لايىھەگە قارىغاندا، گېرمانىيە فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 2024-يىلى كەسپىي ھەربىيلەرنى 198 مىڭغا يەتكۈزۈپ، بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى 178 مىڭدىن تەخمىنەن %10 كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

  گېرمانىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېن: گېرمانىيە ئارمىيەسى مىسلىسىز بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ كۆلىمىنى ئېھتىياج بويىچە كېڭەيتىش كېرەك، دېدى.

  ئۇرسۇلا فون دېر لېيېننىڭ ئارمىيەنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى ئېلان قىلغان ۋاقتى دەل مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك باشلىقلار يىغىنى ئاياغلاشقان كۈننىڭ ئەتىسىگە توغرا كەلدى. باشلىقلار يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى قايتا تەكىتلەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى ئۆز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2گە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، بولمىسا ئامېرىكا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىنى قايتا ئويلىشىدۇ، دېدى. شۇڭا گېرمانىيەنىڭ ئارمىيەنى كېڭەيتىش لايىھەسىنى نۇرغۇن تاراتقۇلار گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقىنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارىدى.

  ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيە 2016-يىلى 5-ئايدا، يەنى تىرامپ زۇڭتۇڭ بولۇشتىن بۇرۇنلا ئارمىيەنى مۇۋاپىق كېڭەيتىش، قورال-جابدۇق، خامچوت ۋە ئادەمدىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن كۈچەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئارمىيەنى كېڭەيتىش پىلانى ئەسلىدىكى پىلان ئاساسىدا بەش مىڭ ھەربىي ئىشتاتىنى كۆپەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 500 زاپاس ھەربىي ۋە مىڭ مۈلكى خادىم كۆپەيتىشكە باراۋەر كېلىدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ 2016-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتى تەخمىنەن 34 مىليارد 200 مىليون ياۋرو بولۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەخمىنەن %1.2ىنى ئىگىلەيدۇ. گېرمانىيە زۇڭلى مېركېل مىيۇنخېن خەۋپسىزلىك باشلىقلار يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %2ىگە يەتكۈزسە، بۇ دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئەسلىدىكى ئاساستا 20 مىليارد ياۋرودىن جىقراق كۆپەيتىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

  بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا بېسىم قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتە خىراجەت ۋە ئادەمنى كۆپەيتىشى تېخىمۇ ئورۇنلۇق كۆرۈنىدۇ.

  گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا بولغان نارازىلىقىمۇ بۇ قېتىمقى ئارمىيەنى كېڭەيتىشتىكى ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن.

  گېرمانىيە «ئەينەك» ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ ئارمىيەنىڭ بىر دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىدە قورال-جابدۇق قىس بولۇش مەسىلىسى ئۇزاققىچە ھەل قىلىنمىغان. مەسىلەن، ساكسون ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 371- بىرونېۋىك باتالىيونى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تېز ئىنكاس قىسمىدا ۋەزىپە ئۈستىگە ئېلىشتىن بۇرۇن قېرىنداش قىسىملاردىن تەخمىنەن 15 مىڭ جابدۇق ئۆتنە ئالغان.

  فېدېراتسىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ 345-توپچىلارغا يېتەكچىلىك قىلىش لاگېرىدا 7 زەمبىرەك بار، بۇنىڭ ئالتىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقىغا بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە، قالغان بىرسى زاپاس ھالىتىدە. يېتەكچىلىك قىلىش لاگېرىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە ئىلگىرى نەچچە يىل قورال سەپلەنمىگەن.

  دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن فىلوتلىرى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ پورتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رادار قاتارلىق جاپدۇقلارنى دەرھال سۆكۈپ، دېڭىزغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلماقچى بولغان باشقا پاراخوتلارغا سەپلىشى زۆرۈر. قايتا-قايتا ئورنىتىپ-سۆككەنلىكتىن، جاپدۇقلار ئاسان ئۇپراپ كېتەتتى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم پىيادىلەر قىسىمىگە ئىشتات بويىچە 522 كېچىدە كۆرۈش ئەسۋابى سەپلىنىشى كېرەك ئىدى، بىراق ھەقىقىي سەپلەنگىنى 96، بۇنىڭ ئىچىدە 76سى باشقا قىسىملارغا ئارىيەتكە بېرىلدى، قالغان 20سىنىڭ 17سى بۇزۇق. بىر قىسىم ئوفىتسېر ئەسكەرلەر مۇنداق دېدى: گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خامچوت چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن بۇ خىل ھەربىي جاپدۇقلار ئاز بولۇش مەسىلىسىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولدى، ھەمدە "جانلىق تەقسىملەپ باشقۇرۇش" دېگەن ئۇقۇمنى ئىجاد قىلدى، بۇ چەكلىك جاپدۇقلارنى ئوخشىمىغان قىسىملار ئارىسىدا يۆتكەپ ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  گېرمانىيە ئۆتكەن يىلى ۋە بۇ يىل ئۇدا ئىككى يىل ئارمىيە كېڭەيتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ گېرمانىيەنىڭ 1990-يىلى شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندە يولغا قويۇلغان ھەربىي كۈچنى ئاجىزلىتىش سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ گېرمانىيەدە ۋە قىسىمەن ياۋروپا ئەللىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.

  قىسمەن گېرمانىيە تاراتقۇلىرى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: گېرمانىيە ئاممىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلىشىپ، شەرقىي ۋە غەربىي گېرمانىيە بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن بىر خىل "خاتىرجەم"لىك ھالىتىگە كىردى، كىشىلەر ھەر قانداق بىر دۆلەت بىلەن قارشىلىشىنى ياكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىغا قايتا پېتىپ قېلىشنى خالىمىدى، شۇڭا ئۇزاقتىن بۇيان ھۆكۈمەت ھەربىي ئىشلاردا زور تەدبىر قوللىنالمىدى.

  باشقا ياۋروپا ئەللىرى ۋە قىسمەن رايون سىرتىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن، 1-ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەچكە، ئۇلار گېرمانىيەنىڭ ياروپادىكى ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار بويىچە ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇشىنى ئانچە قوبۇل قىلالمايدۇ.

  تەھلىلچىلەر مۇنداق دېدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەت ناھايىتى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا-رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ئېلىشىشى كۈچەيدى، شۇڭا گېرمانىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار ساھەسىدىكى ھەرىكىتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر