باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەمەلىيىتىدە ھەر تەرەپلىمە «سىڭىشىش شەكلى»دە يېڭىلىق يارىتىش

−−خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن ئومۇمىي بايان

2017.03.02 16:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا - بازارلاردا قاتار كەتكەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى سېلىندى؛ شەھەرلەردە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار بەس - بەستە قەد كۆتۈردى؛ چۆل - باياۋاندا چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، يەنە بىر تۈركۈم ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش، يەرمەنكىلەر خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن تۇرپان شەھىرىدە كەينى - كەينىدىن ئۆتكۈزۈلدى. خۇنەن ئۆلكىسىدىن 227 كادىر ۋە ئىختىساسلىق خادىم 2014 - يىلى 3 - ئايدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەندىن بۇيان يۇرتىنىڭ مۇھىم ئۈمىدىنى قەلبىگە پۈكۈپ، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭغا ئىلمىي، ئەمەلىي، چىن ھېسسىياتى بىلەن ياردەم بېرىش» تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، «قان بېرىش» بىلەن «قان ئىشلەپچىقىرىش»نى، «قاتتىق ماتېرىيال»بىلەن «يۇمشاق ماتېرىيال»نى، «ياردەم بېرىش» بىلەن «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش»نى بىرلەشتۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىگە «سىڭىشىش شەكلى»دە ھەر تەرەپلىمە ياردەم بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىناق - ئىتتىپاقلىقى، گۈللىنىشى، تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشتى.

  ئوبراز تىكلەپ، ئالاقىلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى

  خۇنەن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگىلى كەلگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دوستلىشىش، سىردىشىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈردى. كەسپىي ئىختىساسلىق خادىملار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەزگىلىدە شۇ كەسىپتە بىر شاگىرت تەربىيەلەپ، ئۇلارغا تېخنىكا ئۆگەتتى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئاز سانلىق مىللەت ئارىسىدىن بىر نامرات ئائىلىنى تاللاپ قوشماقلىشىپ، نۇقتىلىق يۆلىدى. ئۇلار بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئامما بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭى ئوبرازىنى تىكلىدى.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، خۇنەن ئۆلكىسى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىسى جياڭ شىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن ھەربىر كادىرنىڭ بىردىن نامرات ئائىلىگە ياردەم بېرىشىنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تولۇقلىما پۇلىنىڭ ھەممىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامرات ئائىلىلەرگە ئىشلەتتى ھەم ئۆزى باشلامچى بولۇپ، بىر نامرات ئۇيغۇر ئائىلىسىنى يۆلىدى. بۇ ئائىلىدە مەدىنە ئىسىملىك ئون ياشلىق بىر قىز بولۇپ، جياڭ شىن ھەر ئايدا قانچە ئالدىراش بولسىمۇ، ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، مەدىنە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلاپ تۇردى. تەتىلدە مەدىنەنى باشلاپ سىرتنى ئايلاندۇردى، دەرس تولۇقلاپ بەردى. جياڭ شىن يەنە مەدىنەنى «ئاتاق قىزى» قىلىۋالدى. ئۇلار باشقىلارنىڭ نەزەرىدە كۆيۈمچان ئانا - بالىلاردىن بولۇپ قالدى.

  خەلق تۇرمۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىشتا ئۈلگە تىكلىدى

  خۇنەن ئۆلكىسى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىدىن تۇرالغۇ، مەكتەپ، يەسلى، دوختۇرخانا، پاراۋانلىق ئورنى، تەربىيەلەش مەركىزى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى تۇرىدىغان ئۆي بولۇش، ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇش، كېسەل بولغاندا داۋالىنىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھۈنەر - تېخنىكىسى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

  يارغول قەدىمىي شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى خىش - بېتون قۇرۇلمىلىق، قويۇق يەرلىك بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە سېرىق رەڭلىك بىنالار قۇياش نۇرىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، بۇ −− ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن يارغول كىچىك بازىرى ئىدى.

  ئابدۇللا ئائىلىسىدىكى بەشەيلەن ئەسلىدە كونا كېسەك ئۆيدە تۇراتتى. 2014 - يىلى يارغول بازىرىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن 200 مىڭ يۈەنگە 166 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي سېتىۋالدى. بۇنىڭغا ھۆكۈمەت 57 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى، ئۇ يەنە 50 مىڭ يۈەن ئۆسۈمى تولۇقلاپ بېرىلىدىغان قەرز ئېلىپ، قالغىنىنى ئۆزى چىقاردى. شۇڭا 200 مىڭ يۈەن ئۇنىڭغا ئانچە ئېغىر كەلمىگەننىڭ ئۈستىگە، ئازادە ئۆيگە كۆچۈۋالدى. ھۆكۈمەت تولۇقلىما قىلىپ بەرگەن پۇلنىڭ 20 مىڭ يۈەنىنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلىرى ياردەم قىلدى.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى باشتىن - ئاخىر «ئولتۇراقلىشىشقا، سەيلە - ساياھەتكە ۋە شۇغۇللىنىدىغان كەسىپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىشقا يېتەكلەش»تىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، مەبلەغنى ئالدىن، جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپ قويۇشتا، رايون خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىشنى كەسىپ بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، يېزىلاردىكى «ئۈچ ھوقۇق» بويىچە رەنىلىك قەرز ئېلىش، دېھقانلارنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، خاس كەسىپ بويىچە تەربىيەلەش، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجە ياراتتى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن 56 مىڭ 454 يۈرۈش، شەھەر - بازارلاردىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدىن 1760 يۈرۈش سېلىپ، 200 مىڭغا يېقىن كىشىگە نەپ يەتكۈزدى.

  پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەسىپلەر بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى

  خۇنەن كارخانىلىرى ۋە خۇنەنلىك مەبلەغ سالغۇچى سودىگەرلەر خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بەس - بەستە شىنجاڭ ۋە تۇرپانغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرىدا توختىماي كېڭەشتى. تۇرپان شەھىرىگە ماكانلاشقان كارخانىلار ئىچىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، خىمىيە سانائىتى، ماشىنىسازلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەرمۇ، فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش، شامال ئېلېكتىر جابدۇقلىرى ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەرمۇ، يەنە مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەت كەسىپلىرىمۇ بار بولۇپ، بىر قىسىىم تۈرلەر تۇرپان شەھىرىنىڭ سانائەت جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇردى.

  «سەنيى» گۇرۇھى بىلەن تۇرپان شەھىرى 2015 - يىل 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىدى. «سەنيى» ئېغىر تىپتىكى ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى كېلىشىمگە ئاساسەن، پىچان ناھىيەسىنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە شامال ئېلېكتىرىنى ئېچىش تۈرىگە 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى. بۇ يەنە شامال ئېلېكتىرى ئاساسىي گېنېراتورلىرىنى قۇراشتۇرۇش، ياپراقچە ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ۋە 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر تۈرىنى ئېچىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان «خۇنەن بىلەن تۇرپاننىڭ كەسىپ ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى»، «خۇنەن بىلەن تۇرپاندىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى»، «خۇنەننىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسى بىلەن تۇرپاننىڭ كەسپىي ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى»، «خۇنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپىي ھەمكارلىقىنى جىپسىلاشتۇرۇش يىغىنى» قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىساد - سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇردى، كەسىپ ھەمكارلىقىدا خۇنەن كۆمۈرچىلىك گۇرۇھىنىڭ 8 مىليارد توننىلىق كۆمۈرلۈكنى ئېچىش تۈرى، «سەنيى» گۇرۇھىنىڭ شامال ئېلېكتىر گېنېراتور ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى، «ۋۇلىڭ» ئېلېكتىرىنىڭ 1 - ، 2 - قارارلىق 49.5 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىرى ۋە ئالاقىدار يانداش ئەسلىھەلەر تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر خۇنەن كارخانىلىرى ۋە خۇنەنلىك سودىگەرلەر شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 83 تە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، كېلىشىم ئومۇمىي سوممىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان شەھىرى بىلەن ئىمزالىغان كەسپىي ھەمكارلىق تۈرى رامكا كېلىشىمى 68 بولۇپ، بۇنىڭدىن 49 تۈر ئەمەلىيلىشىپ، 12 مىليارد 572 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 5291 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مائارىپتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، «تەكلىپ قىلىش»، «سىرتقا چىقىش» قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتتى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىدىكى 76 مەكتەپنى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى 87 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ بىلەن قوشماقلاشتۇرۇپ، مائارىپ بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كادىرلار خىزمەت ئەترىتى 2014 - يىلىدىن 2016 - يىلىغىچە تۇرپان شەھىرىدىن 120 نەچچە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنى «جىشۇ» ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېرىم يىلدىن ئارتۇق تەربىيەلىنىشكە، 13 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرىنى خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر قىسىم ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ۋەزىپە بىلەن تەربىيەلىنىشكە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 15 ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسىنى خۇنەندىكى «شىنيۇ قۇرۇلۇشى» تۈرىگە قاتنىشىپ تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن مائارىپ سارىيى تۇرپان شەھىرىگە 127 ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى، 135 ئۇچۇر تېخنىكا كەسپىي كادىرى تەربىيەلەپ بەردى، خۇنەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى، چاڭشا شەھەرلىك «جۇنەن» ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر 800 كىشىنى تەربىيەلەپ بەردى.

  سەھىيە بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە يېڭى تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلدى

  خۇنەن ئۆلكىسى سەھىيە بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، خۇنەن ئۆلكىسىدىكى «جۇڭنەن» ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «شياڭيا» دوختۇرخانىسى قاتارلىق 3 - دەرىجىلىك 15 دوختۇرخانىنى تۇرپان شەھىرىدىكى 2 - دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ 15 كىلىنىكا بۆلۈمىگە ياردەمگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، قوشماقلىشىپ ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر «قول تۇتۇشۇپ» شاگىرت تەربىيەلەش ئارقىلىق سەھىيە بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە يارىتىلدى.

  جۇڭگو تېبابىتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، 50 ياشلىق سۇي شياڭيى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 2 - تۈركۈمدىكى پېشقەدەم جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇتەخەسسىسى بولۇپ، شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن تۇرپان مەركىزىي دوختۇرخانا جۇڭگو تېبابىتى بۆلۈمىنىڭ سەل ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك تېخنىكىسىنى تۇرپاندا يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن، جۇڭگو تېبابىتى بويىچە مۇتەخەسسىس ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلدى ھەم شاگىرت تەربىيەلىدى. ھازىر تۇرپان مەركىزىي دوختۇرخانىسىدا يەنە جۇڭگو تېبابىتى 2 - بۆلۈمىمۇ يېڭىدىن قۇرۇلدى.

  خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئەترىتى شىجاڭغا كەلگەندىن بۇيان ياردەم بېرىلىدىغان ئورۇننىڭ 73 يېڭى تېخنىكا، يېڭى تۈرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق 5870 (ئادەم) قېتىم شاگىرت تەربىيەلىدى، 327 مىڭ قېتىم كېسەل كۆردى، 51 مەيدان (قېتىم) لېكسىيە سۆزلىدى، 28 مەيدان(قېتىم) خالىس كېسەل كۆردى، 2 مىليون 630 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ھەقسىز كېسەل كۆرۈپ، ھەقسىز دورا يەتكۈزدى. خۇنەن ئۆلكىسى 2016 - يىلى 6 - ئايدا تۇرپان شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ «3A» دوختۇرخانا بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بەردى.

  تۇرپان شەھىرى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان، مول تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقىغا ئىگە رايون. خۇنەن ئۆلكىسى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان يەنە تۇرپان شەھىرىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە، رايون خاسلىقىغا ئىگە مەدەنىيەت تۈرلىرى ۋە پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. نۆۋەتتە، مەدەنىيەت جەھەتتە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى بىر خىل يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ سۈپىتىدە تۇرپان شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  (ماقالىنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى تەمىنلىگەن)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر