باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» تېمىسىدىكى 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى 24– مارت تۇرپاندا ئېچىلىدۇ

2017.03.02 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» تېمىسىدىكى 2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت كۆرگەزمىسى 24– مارتتىن 26- مارتقىچە تۇرپان يارغول قەدىمكى شەھىرى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىدە رەسمىي ئېچىلدۇ، بۇ تۇنجى قېتىم ساياھەت رايونىدا ساياھەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزش ھېساپلىنىدۇ .

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە « شىنجاڭدىكى تۇنجى باھار، تۇرپان ئۆرۈك چېچىكى پەسلى»گە تايىنىپ، شىنجاڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت نەتىجىلىرىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى گۈل پەسلى ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يىغىپ، يېڭى مەھسۇلات يارىتىپ، يېڭى ساياھەت لىنىيىلىرىنى ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى مەقسەت قىلىپ، «گۈل نېمىشقا شۇنچە قىزىل» شىنجاڭ گۈل پەسلى ساياھەت ئۇنۋېرسال مەھسۇلاتىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىدىكەن.

  ئاساسىي يىغىن مەيدانى بولغان تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى 219 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلغان بولۇپ، رايونلار بويىچە كۆرگەزمە رايونى، سەھنە رايونى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە رايونى، سالقىن يېمەك-ئىچمەك رايونى، ئىسسىق ھاۋا شارى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش رايونى ۋە يارغول كىچىك بازىرى رايونى دېگەندەك رايونلارغا ئايرىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر