باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياڭ جېچى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللىرسون بىلەن كۆرۈشتى

2017.03.02 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ياڭ جېچى 28- فېۋرال ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللىرسون بىلەن كۆرۈشتى.

  ياڭ جېچى مۇنداق دېدى: يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن تېلېفونلاشقاندا، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە بىردەك قوشۇلدى. كېيىنكى باسقۇچتا، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش بويىچە، توقۇنۇشۇش ۋە قارشىلىشىشتىن ساقلىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتەك پىرىنسىپ بويىچە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا، رايون ۋە يەر شارى مەسىلىسىدە ئالاقىلىشىشىپ، بىر بىرنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى بىلەن زور كۆڭۈل بىلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  تىللىرسون مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ تىرامپ بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي ئاساس سېلىپ بەردى. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كەڭ نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ سۆزلىشىش ۋە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، نازۇك مەسىلىلەرنى كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئامېرىكا جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى، گۈللىنىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر