باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ: نىزامنامىگە ئاساسەن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان 10 كىشىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2017.03.04 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن خىزمەت دوكلاتى بەردى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، دائىمىي كومىتېت ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈردى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشكە بولغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگان پارتگۇرۇپپىسى، ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېت شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ سىياسىي كېڭەشتە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن پائال شارائىت ھازىرلاپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىشىپ 16 قېتىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا ساھە بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مەخسۇس تېمىدا مۇزاكىرە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساھە نامى بويىچە يىغىندا سۆز قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەزالارنىڭ ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دائىمىي كومىتېت ئۆگىنىش لېكسىيەسى، بېيجىڭدىكى ئەزالار ئۆگىنىش-دوكلات يىغىنى قاتارلىقلارنى ئېچىپ، 5200 ئادەم/قېتىم قاتناشتى. نىزامنامىگە ئاساسەن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان 10 كىشىنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى. مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرىدا مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش-تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تۈزەشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلدى. مەملىكەتلىك يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر باش كاتىپلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئورگان خىزمىتىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى تەتقىق قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە بولغان تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر