باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇشتا بىپەرۋالىق قىلمايدۇ

2017.03.04 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جيېيىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ «قورشاپ ھۇجۇم قىلىش»ىغا قارىتا، يازمىغا قارىماي تۇرۇپ قايتۇرما زەربە بەرگەن سىن كۆرۈنۈشى قىزىپ كەتتى، مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنۈش «دوستلار چەمبىرىكى»نى بىر ئالدى.

  ئەسلىي ئىش مۇشۇنداق: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى سۇرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللار مەسىلىسىگە ئالاقىدار قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە رەت قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى، لايىھە ماقۇللانمىدى. بۇ، جۇڭگونىڭ سۇرىيەگە چېتىلىدىغان قارار لايىھەسىنى تۇنجى قېتىم رەت قىلىشى ئەمەس بولغاچقا، شۇ ۋاقىتتا ئاممىنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىمىدى. لېكىن باش ئەلچى ليۇ جيېيىنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن سۆزى» ب د ت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ يوللۇق، ئاساسلىق، جايىدا قىلغان ئىنكاسى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان تور ئەھلىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، «ياخشى سۆزلەپتۇ»، «ۋەتىنىمىز يامان» دېگەنگە ئوخشاش باھالار ئۈزۈلمىدى.

  جۇڭگونىڭ پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، قول سالىدىغان ۋاقىتتا دەرھال قول سالىدىغان، خەلقئارا دىپلوماتىيە سەھنىسىدە ياخشىچاق بولمايدىغانلىقى ئالقىشقا ئېرىشتى، جۇڭگو دېپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قىياپىتى كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر