باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن قاپلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.03.04 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت سائەت 14 تىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالى «مىنىستىرلار كارىدورى» دا، مائارىپ مىىنستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىرى چېن باۋشېڭ تۇنجى بولۇپ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى مەكتەپلەرگە يەتكۈزۈشنى كۆپ يىلدىن بۇيان تەكىتلىدى، بۇنىڭغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ئاممىنىڭ ساداسىمۇ كۈچلۈك بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت ئۈچ جۈملە سۆز: بىرىنچى، مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلاش، باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلاش، چۈنكى بۇ، خىزمەتنى ئاساسنى پۇختىلاش قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايمىز. ئىككىنچى، «ئوقۇش ماتېرىيالللىرى سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈش»، چۈنكى بۇ، «روھنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايمىز. ئۈچىنچى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش، چۈنكى بۇنى، جۇڭگونىڭ ئاساسنى پۇختىلاش قۇرۇلۇشى، دەپ قارايمىز، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە كىشلەرگە بولغان مۇئامىلە توغرىسىدىكى مول مەزمۇنلار يۇغۇرۇلغان.

  شۇڭا تۆۋەندىكىدەك تۆت ئىشنى قىلىشمىز كېرەك: ئوقۇش ماتېرىيالى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش؛ مەكتەپ مەدەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ بەزىلىرى قانۇنىيەت ۋە ئۇسۇلغا، بەزىلىرى تېخنىكا قاتلىقمىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، ئوخشىمىغان ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇش ماتېرىيالى قانداق مەزمۇنغا ئۇيغۇن كەلسە شۇنى تاللاش، جۇڭگوچە رەسىم، ھۆسنىخەت، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى، چامباشچىلىق، تەيجى قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ؛ مەكتەپ مەسەنىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ۋە كەيپىياتىنى يارىتىش؛ تەتقىق قىلىش ۋە شەرھلەشنى كۈچەيتىپ، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۆزگەرتىش، پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىش، يەنە چەتئەلگە يۈزلەندۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر