باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى

2017.03.03 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، 2016-يىلى، جۇڭگو يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىدىغان رايونلارنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر ناھىيەلەرنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغان، 81 مىڭ مەكتەپ ۋە 1 مىليون 295 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى نەپكە ئېرىشكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر ناھىيەلەردە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش نىسبىتى %96.6كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 14.6 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 14 مىڭدىن ئارتۇق مەكتەپ ۋە 346 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئوقۇتقۇچىسى نەپكە ئېرىشكەن.

  ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى، جايلار ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 4 مىليارد 430 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بۇلتۇرقىدىن 990 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %28.8 بولغان. مەركەز مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىغا 2 مىليارد 980 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، بۇلتۇرقىدىن 700 مىليون ئاشقان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياردەم بېرىش ئۆلچىمى 284 يۈەن بولۇپ، 2015-يىلدىكىدىن 22 يۈەن ئاشقان. ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىپ، تۇتاش كەتكەن قىيىنچىلىقى ئېغىر ناھىيەلەردىن باشقا نۇرغۇن ناھىيەلەرمۇ يولغا قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر