باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى 3- مارت ئاقسۇدا ئېچىلدۇ

2017.03.02 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان 6- نۆۋەتلىك جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى 3- مارتتىن 5- مارتقىچە ئاقسۇ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسىگە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 200گە يېقىن ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تېرىشقا ماس كېلىدىغان دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرى يەرمەنكىگە قاتنىشىپ، كۆرگەزمە كۆلىمى 15 مىڭ كىۋادرات مېتىرغىچە كېڭىيىدۇ . كۆرگەزمىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، ۋىلايەتلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسى ۋە ۋىلايەتلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپىھەمكارىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ بو ۋاڭ كۆرگەزمە مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  يېزا ئىگىلىك يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى باش بولۇپ يېزا ئىگىلىكى، باغۋەنلىك، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى جەھەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەت سوراش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە نەق مەيداندا جاۋاب بېرىشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن؛ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى باش بولۇپ ، يەرمەنكە نەق مەيدانىدا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى مەخسۇس رايونى تەسىس قىلىپ، دېھقانلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشغا قۇلايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر