باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىشخانىسى يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى بالا ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى مەنئى قىلىشقا دەۋەت قىلدى

2017.03.02 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى بۇيىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى ئىش باشقارمىسى 28- فېۋرال يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى بالا ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىشنى مەنئى قىلىشقا، ھەمدە قوبۇل قىلىنغان بالا ئەسكەرلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: 2015- يىلى 3-ئايدىن بۇ يىل 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرغىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەمەندىكى بالا ئەسكەرلەرنىڭ سانىنىڭ 1 مىڭ 476 گە يەتكەنلىكىنى ئېنىقلىدى. بىراق كۆپلىگەن ئائىلىلەر ئۆچ ئىلىشقا ئۇچرىشىشىدىن ئەندىشە قىلىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىمىدى، شۇڭا ئەمەلى سان بۇنىڭدىن كۆپ . بۇ بالا ئەسكەرلەر ئالدىنقى سەپكە ئىلىپ بېرىلدى، بەزىلەر قاراۋۇلخانىلارغا ئەۋەتىلدى.

  بۇ باياناتچى، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنىڭ بالا ئەسكەرلەرنى ئىشلىتىشىنى خەلقئارا قانۇندا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى، 15 ياشقا تولمىغان بالىلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشنىڭ ئوخشاشلا ئۇرۇش جىنايىتى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر