باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئاساسىي قارالمىلىرى ئېلان قىلىندى

2017.03.03 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. 2-مارت چۈشتىن كېيىن، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلىپ، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ گوچىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ۋاڭ گوچىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنى 3-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تە خەلق سارىيىدا ئېچىلىپ، 13-مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسىي قارالمىلىرى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، قاراپ چىقىلىدۇ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ سىياسىي ئىشلار توغرىسىدىكى قارارى ۋە دوكلاتى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىدۇ؛ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىغا سىرتتىن قاتنىشىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق باشقا ئالاقىدار دوكلاتلار ئاڭلىنىدۇ ۋە مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، يەنە «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى» لايىھەسى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۈچ قېتىم سۆز قىلىنىپ، 11 قېتىم گۇرۇپپا ۋە ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەتكە ئالاقىدار ئۈچ مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىدۇ، «دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى تەكلىپ بېجىرىش كېڭىشىشى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھازىر يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتتى، سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش، يېپىلىش مۇراسىمى ۋە يىغىندا قىلىنغان ئۈچ قېتىملىق سۆز جۇڭگو ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ۋە ساھەلەر بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېچىۋېتىلسە، ئالدى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قىسمەن تەكلىپلەر ۋە نۇقتىلىق تەكلىپلەرنىمۇ توردىن كۆرگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر