باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشى ئۈچۈن زېھنىمىز ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىزنى مۇجەسسەملەيلى

ــــ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2017.03.03 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش ئەتىيازدا «ئىككى يىغىن ۋاقتى» يەنە باشلاندى. ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق سىياسىي كېڭەش ئەزاسى «خەلق» سارىيىغا قەدەم قويغان بولۇپ، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى رەسمىي باشلاندى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  ئۆتكەن بىر يىل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدىكى ئۇلۇغ مۇساپىگە يۈرۈش قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلاپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ياخشى باشلىدى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيەمىزنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەركەزنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيەدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئاساسىي تېمىدا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى كۈچەپ ئادا قىلىپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيەنىڭ مۇھىم يولى ۋە مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى باشلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  «كىچىككىنە تىرىشچانلىق بىلەن زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ». بۈگۈنكى جۇڭگو نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. نىشان قانچە ئۇلۇغۋار، كەلگۈسى قانچە پارلاق، بۇرچ قانچە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت قانچە ئېغىر بولغانسېرى، بىز پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى شۇنچە مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشلارنى تېخىمۇ كۆپ توپلاپ، ئىتتىپاقلىقنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ئالاقە دائىرىسى كەڭ، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆپنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى توپلاپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى تىرىشىپ تېپىپ، ئەلرايى ۋە ئەل ئارزۇسىنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى سىزىپ چىقىدۇ. بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر