باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى

بېيجىڭ سىرتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

2017.03.03 15:03   مەنبە: خەلق تورى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 2-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ خەۋەر مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بېيجىڭ سىرتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان.

  2-مارت ئەتىگەن سائەت 7:24لەر ئەتراپىدا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى Z16 قېتىملىق پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن تۇنجى بولۇپ بېيجىڭغا كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ سىرتىدىكى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلدى.

  مۇخبىرنىڭ خەۋەر مەركىزىدىن ئۇقۇشىچە، يىغىن ئىشلىرى، تەكلىپ لايىھەسى، قىسقا خەۋەر ۋە يىغىن مەيدانىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ تاماملانغان. يىغىندا يىغىن ھۆججەتلىرى موڭغۇلچە، زاڭزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، چاۋشيەنچە، يىزۇچە، جۇاڭزۇچە يەتتە ئاز سانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنىدىكەن ھەم يىغىن ئېچىلىۋاتقان نەق مەيداندا ئەگەشمە تەرجىمە قىلىنىدىكەن. يىغىندا ھۆججەتلەر يەنە ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، ئىسپانچە، رۇسچە، ياپونچە، نېمىسچە، ئەرەبچە كۆپ خىل چەت ئەل يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنىدىكەن. ھازىر، يىغىننىڭ ھۆججەت تەرجىمە خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋېتىپتۇ.

  ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى چۈشكەن ئورۇننىڭ ياتاق، تاماق، قاتناش، يىغىن زالى قاتارلىق تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ ھازىرلانغان. نۇرغۇن ۋەكىللەر تۇرۇشلۇق ئورۇنغا يېتىپ كېلىپلا خىزمەتكە كىرىشىپ كەتكەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىغىچە، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئۆي-زېمىننى تەڭشەپ كونترول قىلىشقىچە، مۇھىتنى تۈزەشتىن مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغىچە.... ۋەكىللەر كۆڭۈل بۆلىدىغان قارالمىلار خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…
    ·دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» نى بۇ يىل مەملىكەت ب…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 30 ماددىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقار…
    ·19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەردە بۇ يىل بارلىق  باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەرنى ئالاقە تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى …
    ·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنت…