باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2017.03.02 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى 1-مارت 2017-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى، ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭ بىلەن پارتىيە ئىچىدە ياخشى بولغان سىياسىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ـــ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاشنىڭ مۇھىم ئاساسى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى. سىياسىي جەھەتتىن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تۈپتىن تەرتىپكە سېلىپ، مەنبەدىن تازىلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي مەدەنىيەتنى ئۈزلۈكسىز ساپلاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر