باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى 28-فېۋرالدىن 4-مارتقىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ

2017.03.02 16:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا باياناتچى گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىچېڭ 28-فېۋرالدىن 4-مارتقىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. لېتيەن گۇرۇھى بىلەن كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى، گېڭ شۇاڭ جۇڭگو بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللار توغرىسىدا كورېيە بىلەن ئىككى قېتىم كەسكىن سۆزلەشتى، دېدى.

  گېڭ شۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋازىرى لى جىچېڭ 28-فېۋرالدىن4-مارتقىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولىدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى لى جىچېڭ بىلەن كۆرۈشىدۇ، مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى جېنمىن ۋە مىنىستىرنىڭ ياردەمچىسى كۇڭشەنيۇۋ لى جىچېڭ بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋازىرىنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگودىكى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر قېتىملىق نورمال دىپلوماتىيە ئۇچرىشىشى. ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئەھۋالى توغرىسىدا بىز ۋاقتىدا خەۋەر بېرىمىز.

  مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى تاراتقۇلار لېتيەن گۇرۇھى كورېيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن «ساد» نى ئورۇنلاشتۇرىدىغان يەرنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالاپتۇ دەپ سورىدى. بۇنىڭغا قارىتا، گېڭ شۇاڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: جۇڭگو كورېيەنىڭ جۇڭگونىڭ مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە پىسەنت قىلماستىن، ئامېرىكىغا ماسلىشىپ ساد ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. جۇڭگونىڭ كورېيەنىڭ «ساد» سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي، قەتئىي زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر