باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق راكېتا قويۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى

4-ئايدا ئالەم كېمىسى بىرىنچى نومۇر قويۇپ بېرىلىدۇ

2017.03.03 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى شىركىتى پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى باۋ ۋېيمىن 2-فېۋرال زىيارەتنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق يىراقتىن سېزىش ئىككىنچى توشۇغۇچى راكېتاسى يېقىندا قويۇپ بېرىلىش ئالدىدىكى تەكشۈرۈشتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، پات ئارىدا جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىغا توشۇلۇپ، 4-ئايدا ئالەم كېمىسى 1-ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلىنىدۇ.

  باۋ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: ئۇزۇن سەپەر 7- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا ئېلىمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئوتتۇرا تىپتىكى توشۇغۇچى راكېتاسى بولۇپ، يەرگە يېقىن ئوربىتىدا توشۇش ئىقتىدارى 13.5 توننىغا يېتىدۇ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا، تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى. ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەتقىق قىلىنىپ ياساپ چىقىلىشى ئېلىمىزنىڭ بوشلۇققا كىرىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئالەم كېمىسى 1-ناملىق توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 13- كۈنى جۇڭگو ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى قويۇپ بېرىش مەركىزىگە يەتكۈزۈلۈپ، قويۇپ بېرىش مەيدانى رايونىدىكى قۇراشتۇرۇش ۋە سىناش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان ئىدى.

  ئالەم كېمىسى 1-نومۇر جۇڭگو مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان تۇنجى توشۇغۇچى ئۇچار كېمە بولۇپ، ئەرش ئوردىسى 2-ناملىق ئالەم كېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئەرش ئوردىسى 2-ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئالەم بوشلۇقىدا «ماي قاچىلاش»، ئوربىتىدا ئىتتىرگۈچ تولۇقلاپ قاچىلاش قاتارلىق تېخنىكىلىك دەلىللەشلەرنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ 2022-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى پۈتتۈرۈپ بولۇشى ئۈچۈن يول ئاچىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر