باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» ئېلان قىلىندى

«بىر يادرو، توققۇز رايون، كۆپ تۈگۈن»لۈك سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ئۈچۈن ئازادە ماكان بەرپا قىلىنىدۇ

2017.03.02 15:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە)» (تۆۋەندە «پىلان» دېيىلىدۇ) 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم تەستىقلاپ يولغا قويغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى بەش چوڭ مەركەز پىلانى ھېسابلىنىدىكەن.

  «پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2020 - يىلىغا بارغاندا، جايلىشىشى مۇۋاپىق، فۇنكسىيەسى مۇكەممەل، كەسىپلەر بىرلەشتۈرۈلگەن، قولاي ھەم يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان سودا - ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، سودا - ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق ۋە يېتەكچىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇللۇق ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خاراكتېرلىك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. ئەشيا ئوبوروتچىلىقى قوشۇلما قىممىتى 120 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇلۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت ماللىرىنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى 44 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈلىدۇ. 2030 - يىلىغا بارغاندا، سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىدە شەكىللىنىدىغان ئەشيا ئوبوروتچىلىقى قوشۇلما قىممىتى ۋە سودا ئومۇمىي سوممىسى 2015 - يىلىدىكى ئاساستا ئۈچ قاتلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ زىچ كەسىپلەر ھەمتۈرتكە مۇناسىۋىتى ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈشىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنىڭ تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

  «پىلان» دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «بىر يادرو، توققۇز رايون، كۆپ تۈگۈن» لۈك سودا - ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى ئۈچۈن ئازادە ماكان بەرپا قىلىشتىكى «بىر يادرو» −−ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت مەركىزىي شەھەرنىڭ قاتناش تۈگۈنىلىك، كەسىپ ئۈستۈنلۈكى ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى سودا - ئەشيا ئوبوروتى يادرولۇق چەمبىرىكى بەرپا قىلىشنى كۆرسىتىدۇ؛ «توققۇز رايون» −− قەشقەر - قىزىلسۇ، ئىلى - بورتالا، قاراماي - كۈيتۈن - شىخو، كورلا، قومۇل، ئالتاي - بېيتۈن، تارباغاتاي، ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق توققۇز چوڭ سودا - ئەشيا ئوبوروتى كەسىپ توپلانغان رايونىنى نۇقتىلىق قۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ؛ «كۆپ تۈگۈن» −− بەلگىلىك رايوندىكى قاتناش شارائىتى ۋە ئۆزگىچە كەسىپ ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە نۇقتىلىق شەھەر - بازارلارغا نۇقتىلىق تايىنىپ، بىر تۈركۈم سودا - ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە بەرپا قىلىپ، كۆپ تىرەكلىك سىستېما شەكىللەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر