باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نۇرلان ئەبىلمەجىن سۇزا رومارىئو بىلەن كۆرۈشتى

2017.03.02 15:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق چەت ئەللەردىكى شىنجاڭغا ئالاقىدار مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەخسۇس رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى نۇرلان ئەبىلمەجىن 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا پات ئارىدا شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشكە بارىدىغان بىرازىلىيە دۆلەت پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق داڭلىق ماھىرى، ھازىرقى بىرازىلىيە فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۇزا رومارىئو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى مۇھاجىرلار بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇھاجىرلار ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە، سۇزا رومارىئو نۇرلان ئەبىلمەجىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللار بويىچە ئېكسكۇرسىيەدە بولىدۇ، كۆزدىن كەچۈرىدۇ ھەم جۇڭگو شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقىنىڭ تاشقى ئالاقە ئەلچىلىكىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن ئالدى بىلەن سۇزا رومارىئو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى ناھايىتى ياخشى ئاممىۋى ئاساسقا ئىگە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايون پۇتبول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ پۇتبولچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى، شىنجاڭنىڭ پۇتبولچىلىق ئىشلىرى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبولچىلىقى قىزغىن قانات يايدۇرۇلۇپ، پەخىرلىنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، سۇزا رومارىئو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى، بولۇپمۇ پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە چوقۇم پائال تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالاقە مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سۇزا رومارىئو مۇنداق دېدى: پۇتبولدىن ئىبارەت تەسىرى كۈچلۈك تەنھەرىكەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئالاقىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭلىق تېخىمۇ كۆپ ياش - ئۆسمۈرنىڭ پۇتبولنى تېخىمۇ ياخشى تېپىشىگە ياردەم بېرىپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقى، شۇنداقلا جۇڭگو شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ، پۇتبولچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئۇقۇشىمچە، سۇزا رومارىئو شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە يەنە شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىكىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار، ئۆسمۈرلەر كوماندىسىنىڭ مەشىقىگە يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر