باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەھەرلەردىكى ئۆي-مۈلۈكلەر 70 يىلدىن كېيىن قانداق بولىدۇ

ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.03.06 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شەخسلەرنىڭ شەھەر ئىچىدە سېتىۋالغان ئۆي-مۈلۈكى 70 يىلدىن كېيىن قانداق بولىدۇ؟» 4- فېۋرال, مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى گۇاڭخۇا باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي باشلىقى لى يىنىڭ ئىقتىساد ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى سوئالنى يەنە بىر قېتىم سورىدى.

  لى يىنىڭ: «يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان يېڭى قانۇن-نىزاملارنى بەك ئۇزاق سوزۇۋېتىشكە بولمايدۇ، بالدۇر ئېلان قىلىنسا، كىشىلەر بالدۇر خاتىرجەم بولىدۇ»، دېدى.

  مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بىر چوڭ ئىش، ھەممىمىزنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇ، «خاتىرجەم» ئولتۇراقلىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى «خاتىرجەم ئىشلەپچىقىرىش»، «خاتىرجەم تىجارەت قىلىش» بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

  ئەزا لى يىنىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا دۇچ كەلگەن بىر ئىشنى بايان قىلدى. ئۇ بۇلتۇر جياشىڭ شەھىرىدىكى پىڭخۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، شۇ جايدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ پوجاڭزا ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. ئەسلىدە, شۇ ۋاقىتتا يەر ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش مەزگىلى بولۇپ، دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى, ئۆيلۈك يەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى بىلەن بىللە شەخسىي تۇرالغۇنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، دېھقانلار ئىنتايىن خۇشال بولغان.

  لى يىنىڭ: « دېھقانلار خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئاكتىپلىقىمۇ قوزغىتىلدى. ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى تۈزۈمى، كۆلەملىك ئىگىلىك, يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش, يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش قاتارلىقلار مىسلىسىز سۈرئەت بىلەن يېزىلاردا كېڭەيتىلدى، بۇ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ بىۋاسىتە ئۈنۈمى»، دېدى

  بىراق, مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ يەنە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان جايلىرى بار. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سەي جىمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقى يېتەرلىك ئەمەس، گەرچە يامان خارەكترلىق مەجبۇرى چېقىش ۋەقەلىرى ئازايغان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت؛ بەزى كىشىلەر ئاممىۋىي ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۈز قىلماقتا، بىر قىسىم پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ كۆڭلىدە ئەندىشىسى بار بولغانلىقى تۈپەيلىدىن مەبلەغ سېلىش يېتەرسىز بولۇش، ھەتتا مۈلۈكلىرىنى چەت ئەللەرگە يۆتكەشنى ئويلاشماقتا.

  سەي جىمىڭ: «مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىشنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىككە بولغان ئەھمىيىتى زور، مۈلۈك ھوقۇقى قوغدالسا، پۇقراۋى كارخانىچىلار خاتىرجەم تىجارەت قىلىپ، خاتىرجەم مەبلەغ سالالايدۇ، بازار تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ»، دېدى.

  مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈستىدە توختالغاندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى, فۇشىڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گو گۇاڭچاڭ مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو كارخانىلىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارىغا تامامەن ئىگە، بىراق قارشى تەرەپ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: «بۇ تېخنىكىنى جۇڭگوغا ئاپىرىپ ئورتاق تەتقىق قىلىشتا مەسىلە يوق، لېكىن كۆچۈرمىكەشلىك قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلالامسىلەر؟» دېگەن سوئال دائىم سورىلىدۇ.

  گو گۇاڭچاڭ: «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى جەزمەن كۈچەيتىشىمىز كېرەك، جۇڭگو ئارزۇسى ئوخشاشلا جۇڭگو پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئارزۇسى. مۇكەممەل بولغان قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ئىچىدە، كۆپچىلىك چوقۇم دادىل سىنايدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر