- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى 8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ
2017.03.06 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 3- كۈنى، مۇخبىرنىڭ 2017- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى تەشكىلىي كومىتېتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىللىق «يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش» تېمىسىدىكى (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى 8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
2017- يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە كۆلىمى 62 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، توقۇمىچىلىق كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، چاي مەدەنىيەت كەسپى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى (ئۈزۈم ھارىقى كۆرگەزمىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ، ساياھەت كەسپى ۋە تەنتەربىيە مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى قاتارلىق كۆرگەزمىلەر ئاساسىي تېما قىلىنىدىكەن.
(جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسى جۇڭگو__ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ «قوشماق كۆرگەزمىسى» بولۇپ، 2015ـ يىلىدىن باشلاپ ھەر جۈپ يىلدا جۇڭگو __ ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى، تاق يىلدا ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىدىكەن. تاق يىلدا ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودىسى يەرمەنكىسىنىڭ «بىر يەرمەنكە، بىر كۆرگەزمە» ئەندىزىسى بويىچە ئۆتكۈزىلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر