باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كومىسسار خې لىن: ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتا ئىرسىيەت مەسلىھەتى سوراش ئارقىلىق كەمتۈك بالىلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ

2017.03.06 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنى ئېچىلدى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلاتتا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش قاتارلىق پەن-تېخنىكا مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئىرسىيەت بئولوگىيەسى بىلەن شۇغۇللانغان ئاكادېمىكى خې لىن مۇنداق قارايدۇ: بىيولوگىيە ساھەسىدە، گېن پەن-تېخنىكىسى جەھەتتە، بىز يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىشىمىز كېرەك، بولۇپمۇ ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش كەسپىدە ئىختىساسلىقلار ناھايىتى كەمچىل.

  خې لىن يەنە مۇنداق قارىدى:نۇرغۇن كىشىلەر ئامېرىكىلىق داڭلىق ئايال چولپان ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ سۈت بېزىنى كېسىپ ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيەسى قىلغان بۇ ئىشنى بىلىدۇ، ئۇ ئىرسىيەتنى تەكشۈرۈش ۋە كەسپى مەسلىھەت سوراش ئارقىلىق، مەلۇم بىر گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان، راك ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھازىر دۆلەت ئىچىدە ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بەرگۈچى كەسپىي خادىملارنى ئىزدەش ۋە گېن تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئاسان ئەمەس. دۆلىتىمىزدە تېخى ئىرسىيەت مەسلىھەتچىسى تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلمىدى. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش كەسپىدە ئىختىساسلىقلار ناھايىتى كەمچىل، دېدى.

  خې لىن يەنە مۇنداق دېدى: گېن ئۆلچەش بىلەن ئىرسىيەت مەسلىھەتى سوراش بۇ ئىككىسى خۇددى قول بىلەن قولنىڭ دۈمبىسىدەك مۇناسىۋەتتە. ئەگەر گېن مەخپىي نومۇرىنى تەھلىل قىلىشتا ئىرسىيەت مەسلىھەتى سوراشقا تايانمىسا، گېنلارنىڭ تەرتىپىنى ئۆلچەشمۇ پەقەتلا بىر دۆۋە سانلاردىن تەركىپتاپقان ئەخلەتلەرگە ئايلىنىدۇ. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئىرسىيەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى يىغىلىپ قالدى، لېكىن ئوقۇپ چۈشىنەلمەسلىكتەك ئەھۋال مەۋجۇت. دۆلىتىمىزنىڭ گېن پەن-تېخنىكىسى گەرچە بەزى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان بىلەن، ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئىختىساسلىقلىرى كەمچىل، ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش كەسپى يەنىلا ئىنتايىن ئىپتىدائىي باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  خې لىن مۇنۇلارنى پەرەز قىلدى: دۆلىتىمىز نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 20مىڭدىن 50مىڭغىچە ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بەرگۈچى ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىل. ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى يولغا قويۇش سىياسىتىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، چوڭ ياشتىكى ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللار كۆپىيىۋاتىدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىرسىيەت كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى يەنىمۇ زورىيىدۇ. ئەگەر ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بەرگۈچى كەسپىي خادىملار مەسلىھەت بەرسە، كەمتۈك بالىلارنىڭ تۇغۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتقىلى بولىدۇ. خې لىن تەكلىپ بېرىپ، ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىرسىيەتتىن مەسلىھەت بېرىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئىشلارنى ساغلام جۇڭگو پىلانىنىڭ بىر قىسمىغا كىرگۈزۈش كېرەكلىكىنى، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى دۆلەتلىك كەسپىي لايىھەنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر