خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-مارت جۇڭنەنخەيدە كامبودژا پادىشاھى سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونىلې بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-كامبودژا ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقىغا جۇڭگونىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بىلەن كامبودژانىڭ شاھىنشاھ سىخانوك ئورتاق ئاساس سالغان ۋە ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن بولۇپ، ناھايىتى قىممەتلىك. يېڭى تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگو-كامبودژا مۇناسىۋىتىگە يەنە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشۇلۇپ، ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇلتۇر مەن ۋە پادىشاھ سىخامونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇشتۇق. ھازىر، ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدۇ، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئۆز ئارا ياردەملىشىۋاتىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلىشىۋاتىدۇ. كامبودژا خان جەمەتى ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-كامبودژانىڭ دوستلۇق ئىشلىرىغا پائال كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. بىز كامبودژا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو-كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى