باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى خەلقئارالىق چوڭ شەھەر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك

2017.03.06 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دادىل باشلامچى بولۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يېتەكچى قىلىپ، جەلبكارلىق، ئىجادچانلىق ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋى خەلقئارا چوڭ شەھەر بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

  ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى تامامەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيان، خەلقئارا مۇھىت مۇرەككەپ ھەم ئۆزگۈرۈشچان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاش بېسىمى ئاشقان ئەھۋالدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك نىشان، ۋەزىپىلىرىنى قانائەتلىنەرلىك ئورۇنداپ، «13-بەش يىل» نىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر