باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يۇقارقى تاغقا بېرىپ قار تېيىلغىلى بولىدىغان بولدى

2017.03.07 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالتايدىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش ئورنىغا بېرىش تۈرى ئۈرۈمچى يۇقارقى تاغدىمۇ بار بولدى.

  6-مارت، مۇخبىرنىڭ يىپەك يولى خەلقئارا ئىستراھەت رايونىدىن ئىگىلىشىچە، تىك ئۇچار ئايروپىلانى قار تېيىلىش مەيدانىغا يېتىپ كەلگەن، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش ئورنىغا بېرىش تۈرى تەييارلىقى پۈتكەن. نۆۋەتتە يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى شىنجاڭدىكى ئىككىنچى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش ئورنىغا بارغىلى بولىدىغان قار مەيدانى ئىكەن.

  يىپەك يولى خەلقئارا ئىستراھەت رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى خۇاڭ خې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە پىلانلانغان تۈر ئالدى بىلەن مۇز تېيىلىش ھەۋەسكارلىرى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ تاغ چوققىسىغا يېتىپ بېرىش، ئۇچۇش مۇساپىسى تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ، ئاندىن قار تېيىلىش يېتەكچىسىنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا، تاغ چوققىسىدىن تېيىلىپ چۈشىدۇ، تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن مەخسۇس ماشىنا ئالدىغا چىقىدۇ.»

  نۆۋەتتە، تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ قار تېيىلىش ئورنىغا بېرپ، يېتەكچى بار ئەھۋالدا قار تېيىلىش 8800 يۈەن/ئادەم، يېتەكچى بولمىغاندا 7500 يۈەن/ئادەم، تۆت ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئۇچىدۇ، تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەر كۈنى پەقەت تۆت قېتىم ئۇچىدۇ. تىك ئۇچار ئايروپىلان ساياھىتى ھەر كۈنى سائەت 11دىن 18گىچە بولىدۇ، ئالدىنقى ئورۇن 1500 يۈەن/ئادەم، ئارقا ئورۇن 1000 يۈەن/ئادەم، بەش ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ ئۇچىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قار تېيىلىش يېتەكچىلىكىنى قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ كەسپىي تىرېنېرلىرى ئۈستىگە ئالىدىكەن ھەمدە باھا تەركىبىدە ئاۋىياتسىيە كۈتۈلمىگەن سۇغۇرتىسى ۋە قار تېيىلىش كۈتۈلمىگەن سۇغۇرتىسى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر