باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ۋەكىل ۋەن ۋېيشىڭ دۆلىتىمىز 2020-يىلى مارسنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىدۇ، دېدى

2017.03.07 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-مارت چۈشتىن كېيىن، خۇبېي ئۆلكىسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، ۋەكىل ۋەن ۋېيشىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: ئېلىمىز 2020-يىلى 7-، 8-ئايلاردا مارسنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىدۇ.

  ۋەن ۋېيشىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ مارسنى تەكشۈرۈش پىلانىدىكى باش ئالىم ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە بۇلتۇر يىل بېشىدا تۇنجى مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسى رەسمىي تەستىقلاندى، بۇ ئارىلىقتا، ئالاقىدار ئىشلارنى ئىلمىي دەلىللەش، قۇرۇلۇش دەلىللەشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئاللىبۇرۇن پۇختا ئېلىپ بېرىلىپ، ۋەزىپە ئىلمىي نىشانى، ئاساسىي لايىھەسى بېكىتىلدى. ھازىرغا قەدەر، سۈنئىي ھەمراھ تەكشۈرۈش ئەسۋابى سىستېمىسى، يەر ئۈستى سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇنى قوللىنىش سىستېمىسى، راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى، ئۆلچەش ۋە كونتروللاش سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ بولدى. نۆۋەتتە. بارلىق مۇناسىپ خىزمەت لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز لايىھەلەش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەجرىبە قىلىش داۋامىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بەزىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە تاماملاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر