باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ يامىڭ ئېلىمىزنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %87كە يەتتى، دېدى

2017.03.07 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- مارت چۈشتىن كېيىن، خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ كېچىك گۇرۇپپا يىغىنىدا، جۇڭگو مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، ۋەكىل ليۇ يامىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىققاندا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىزنىڭ 24 سائەت ئىچىدە ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %87كە يەتتى، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ئۆتۈش يولىدىكى خاتالىق پەرقى 70 كىلومېتىر ئىچىدە ساقلانغان بولۇپ، ھەممىسى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرماقتا. ھازىرغا قەدەر، ئېلىمىزدە جەمئىي 15 ھاۋارايى سۈنئىي ھەمراھى قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن چىققان 400 نەچچە قېتىملىق تەيفېڭ بورىنىدا بېرىلگەن ئالدىن مەلۇماتتا بىر قېتىممۇ خاتالىق كۆرۈلمىدى. قۇرۇقلۇققا چىققان 200 قېتىمدىن كۆپرەك تەيفېڭ بورىنىغا ئۈنۈملۈك ئالدىن مەلۇمات بېرىلدى.

  ليۇ يامىڭ مۇنداق دېدى: كۆزىتىش-ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سەۋىيەسىدىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىز نۇرغۇن جەھەتلەردە دۇنياۋى ئىلغار سەۋىيەدە تۇرماقتا. كۆزىتىش ئىقتىدارى جەھەتتە، ئېلىمىزدە يەر يۈزى، ئاسمان، بوشلۇقتىن ئىبارەت ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن كۆزىتىش تورى بەرپا قىلىندى. يەر يۈزىدە، 60 مىڭ كۆزىتىش پونكىتى قۇرۇلۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ٪96 يېزا-بازارنى قاپلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر