باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيەسىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان 20 كادىر ئىش ئورنىغا كېلىپ بولدى

2017.03.06 17:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27- فېۋرال سەھەردە، شىنجاڭ نىلقا ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى كادىر جۇ يوڭ خىزمەت ئورنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو ئارزۇسى ئۈستىدە مۇھاكىمە» نۇتقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشكە قاتناشتى ۋە ئوقۇتۇش تەتقىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىتقا ئۆزلىشىپ، ئەھۋال ئىگىلىدى.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، ھازىرغا قەدەر، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجۇ شەھىرى ۋۇجىن رايونىدىن 9-تۈركۈمدە شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى 20 كادىر خىزمەت ئورنىغا يېتىپ بېرىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋۇجىن رايونىنىڭ نىلقا ناھىيەسىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان، ئۇلار نىلقا ناھىيەسىدە ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەيدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋۇجىن رايونىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتى پىلان- قۇرۇلۇش گۇرۇپپىسى، شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسى، كادىرلار-ئىختىساسلىقلار گۇرۇپپىسى، تەشۋىقات-ئالماشتۇرۇش گۇرۇپپىسى، بىخەتەرلىك قوغداش گۇرۇپپىسى، مالىيە-ئىقتىساد تەپتىش گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپا-ئورۇنلار ئۆز ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى رەتلىك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر