خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، كورېيە سېئۇل شەھىرىدە، ئالاھىدە تەپتىش ئەمەلدارى پياۋ يىڭجۇ (ئوتتۇرىدا) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.
كورىيەدىكى «يېقىنلىرى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىش» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل ئالاھىدە تەپتىش گۇرۇپپىسى 6- مارت سىئۇلدا ئاخىرقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىپ، زۇڭتۇڭ پاك گيۇنخاينىڭ پارا ئېلىشقا قاتنىشىش، «مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قارا تىزىملىك»كە ئارىلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن گۇمانلىق ئىشلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بېكىتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى