باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا سەي لىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشنى توسۇش ۋە يىلتىزىدىن تۈگىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

2017.03.07 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مېنىڭ ئۆز خىزمىتىم بولۇپلا قالماي، بەلكى مېنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىدىن ئېتىبارەن بۇرچۇمنى جارى قىلدۇرۇشۇمدىكى مۇھىم ئۇسۇلدۇر.»

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سەي لىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىقى بىر شەرەپلىك خىزمەت، ئەڭ مۇھىمى ئۇ بىر مەسئۇلىيەت، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسى ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ئالدىدا، بىز چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىمىز، راست سۆزلىشىمىز، ئەمەلى گەپنى قىلىشىمىز، خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى ئېيتىشىمىز، ۋەدىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىمىز، ئەزالاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەقىل-پاراسەت، جاسارەت ۋە ئىرادىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  سەي لىڭ مۇخبىرغا: «قالايمىقان ھەق ئېلىش»نىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن بىر «جاھىل كېسەل» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان ئىككى تەرەپ بار، بۇنىڭ بىرىنچىسى، «مەمۇرىي ھوقۇق بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئۈچىنچى تەرەپ ھەق ئېلىش مۇلازىمىتى». بەزى بىر ھەق ئېلىش تۈرلىرى بار، قارىماققا يوقتەك، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئاستىرتتىن يۆتكىۋىتىلىدۇ، بەزى تۈرلەردە بولسا، مەمۇرىي ھوقۇقدىن پايدىلىنىپ، «تاجىدار ۋاسىتىچىلىك» ئارقىلىق ھەق ئالىدۇ. ئىككىنچىسى، مونوپوللۇق ئورۇنغا تايىنىپ ھەق ئېلىش. بەزى بىر ئورگانلار كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققى، ۋەدە ھەققى، ۋەكالەتچىلىك ھەققى، يىللىق مالىيە مەسلىھەتچىلىك ھەققى، مەخسۇس مالىيە مەسلىھەتچىلىك ھەققى، مەسلىھەت بېرىش ھەققى، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھەققى دېگەندەك ھەرخىل ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى كۆرسىتىپ ھەق ئالىدۇ.

  ئەزا سەي لىڭ قالايمىقان ھەق ئېلىشنى توسۇش، قالايمىقان ھەق ئېلىشنى «يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش»، شىركەت-كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللتىش، مەمۇرىي مونۇپۇل قىلىشنى تۈگىتىش، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بازىرىنىڭ تەرتىپلىك رىقابەتلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئوچۇق ئاشكارا بولۇش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، قالايمىقان ھەق ئېلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق تەننەرخىنى ئاشۇرۇش؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئاممىۋى مالىيە سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاممىۋى مالىيە كاپالىتىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر