باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى مەڭگۈ تاقالمايدۇ

2017.03.07 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى مەڭگۈ تاقالمايدۇ، ئىشىكنى سىرتقا ھەرتەرەپلىمە ئېچىۋېتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى ھەرىكىتىمىز بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

  باش شۇجى شاڭخەينىڭ تۆت جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شاڭخەينى خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە، پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تايانچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، تەجرىبىخانا تېخنىكىسى بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىدا قوللىنىش ئارىسىدىكى توساقنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  ___ شاڭخەي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ۋەكىل جۇ جىيۈەن

  شاڭخەينى زامانىۋى خەلقئارا چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتا ئىشىكنى ئېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. پۇدۇڭ رايونىدا ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ پايدىسىنى قويۇۋېتىپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى مەڭگۈ تاقالمايدۇ، بىز داۋاملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۈرەكلىك ھالدا سىناق قىلىپ، دادىل يول ئېچىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سىناق رايونلىرىنى كېڭەيتىپ ئېچىۋېتىشنىڭ رولىنى يەنىمۇ نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  ___ دۇڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ۋەكىل يەن چېڭجۇڭ

  مەن 1-سەپتىكى پەن تەتقىقات خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا قارىتا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە. بىز تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى نەتىجىلەرنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، ئۆسۈملۈك ئاسراش، شەھەر بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش جەھەتلەردە قوللىنىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشىدا ئۈمىد بار. پەن-تېخنىكا باھالاش سىستېمىسى، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش جەھەتلەردە ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى «بوشىتىپ»، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر