باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلەر بالدۇر ھەرىكەتكە كېلىپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئالدى

2017.03.06 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندىن بۇيان، تېمپېراتورىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، قار-مۇزلار كەڭ كۆلەمدە ئېرىشكە باشلىدى، بەزى جايلاردا قار ئېرىش خاراكتېرلىك كەلكۈن كۆرۈلۈش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە-شەھەرلىرىدىكى سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسى تۇرمۇشىنىڭ دەخلىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  «چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش» تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپەتنىڭ بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چۆچەك شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ئەھۋالىنى ئىنچىكە مۇزاكىرە قىلىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشتىكى مۇھىم نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇردى. چۆچەك شەھەرلىك سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى ئاپتوموبىل ۋە ئادەم كۈچى تەشكىللەپ، شەھەر دائىرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۇلاستاي دەرياسى، جاۋۇرتام دەرياسى، شەرقىي قوۋۇق تاشقى دەرياسى، پېداگوگىكا دەرياسى، قاراڭگۈر دەرياسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەلكۈننىڭ بىخەتەر ئېقىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەر قايسى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ ئەھۋالىنى 24 سائەت نازارەت قىلىپ، سۇ ئامبىرىنىڭ سۇ ساقلاش سىغىمچانلىقىنى ئىلمىي تەڭشەپ، كەلكۈن ماڭدۇرۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قار ئېرىش خاراكتېرلىك سۇ ئاپىتى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر