باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا جاڭ گولى سەنئەتكارلاردا ئاڭلىق سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي مەيدان بولۇشى كېرەك، دېدى

2017.03.07 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5- مارت چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ھەر قايسى كېچىك گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. ئەزا جاڭ گولى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ۋەتەننى سۆيۈش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپى، سەنئەتكار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق.

  زۇڭلى لى كېچياڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز تەيۋەنگە قارىتىلغان خىزمەت فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، «2- سېنتەبىر ئورتاق تونۇشى» ئورتاق سىياسىي ئاساسىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئى قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ھېچكىمنىڭ ھەرقانداق شەكىل ۋە ھەرقانداق نام بىلەن تەيۋەننى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىۋېتىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  جاڭ گولى زۇڭلى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەتنى پارچىلاشقا قەتئى قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى سۆزىگە چوڭقۇر تەسىراتى بارلىقىنى ئېيتتى. جاڭ گولى مۇنداق دېدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تەلىپى، سەنئەتكار ئۈچۈن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. لېكىن بۈگۈن يەنىلا ئىنتايىن ئاز ساندىكى سەنئەتكارلار دۆلىتىمىزدە پۇل تاپقاندىن كېيىنلا ۋەتەننى تىللايدىكەن. بۇنداق ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى ئاز بىر قىسىم پىروگرامما تارقىتىش سۇپىسى مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇشۇنداق سەنئەتكارلارنىڭ بىزنىڭ سۇپىمىز ۋە ئېكرانىمىزدا پەيدا بولۇشىغا رۇخسەت قىلغان. سەنئەتكارلاردا ئاڭلىق سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي مەيدان بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىپ بولغاندىن كېيىن قايتىپ يەنە بىزگە پايدىسىز گەپلەرنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. جاڭ گولى بۇ ئىشنى تېز ھەل قىلىش زۆرۈرلىكىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر