باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى قايتىدىن ئېلان قىلدى

ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىندى

2017.03.07 17:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-مارت يېڭى نۇسخىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇقنى ئىمزالاپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان تۇنجى ئايدا ئېلان قىلغان، غايەت زور تالاش-تارتىش غوزغىغان ھەمدە فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن توڭلىتىلغان چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى ھەمدە قايتا ئېلان قىلدى، ئەسلىدىكى مەمۇرىي بۇيرۇق شۇ كۈنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

  يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇق يەنىلا «دۆلەتنى چەت ئەل تېرروچىلىرىنىڭ كىرىشىدىن ساقلاش ھەققىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ مەمۇرىي بۇيرۇقى» نامىدا بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇقتا، 120 كۈن ئىچىدە دۇنيا مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىش تۈرىنى يولغا قويۇشنى توختىتىش بەلگىلەندى، 90 كۈن ئىچىدە سۇدان، سۇرىيە، ئىران، لىۋىيە، سومالى ۋە يەمەن قاتارلىق ئالتە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋاقىتلىق چەكلەندى. ترامپ يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالاقىدار زۇڭتۇڭ ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

  بۇرۇن چېگرادىن كىرىشنى چەكلەش بۇيرۇقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇقتا ئىراق پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋاقىتلىق مەنئى قىلىش بۇيرۇقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى؛ ۋاقىتلىق چەكلەنگەن دۆلەتلەردىكى ئامېرىكىنىڭ يېشىل كارتىسى ۋە كۈچكە ئىگە چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى بارلارنىڭ چېگرادىن كىرسە بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛

  سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشى مۇددەتسىز مەنئى قىلىنمايدىغان بولدى. يېڭى مەمۇرىي بۇيرۇق يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، ئامېرىكا دۇنيادىكى مۇساپىرلار ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا چېگراسىدىن كىرىش ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ.

  بۇ يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ترامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، ۋاقتىنچە يەر شارىدىكى مۇساپىرلار ۋە يەتتە دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلدى. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق شۇ ھامان ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئېتىراز بىلدۈرۈشكە ۋە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى، 2- ئاينىڭ 3-كۈنى، فېدېراتسىيە يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ بىر سودىيەسى بۇ مەمۇرىي بۇيرۇقنى مەملىكەت دائىرىسىدە توختاتتى. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن نارازىلىق ئەرزى سۇنغان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىنىپ، مەمۇرىي بۇيرۇق توڭلىتىپ قويۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر