خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى، سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدىكى دوختۇرخانىدا، كىشلەر ئىچى سۈرۈش كېسىلى بىمارلىرى مەخسۇس كېسەلخانىسىدا داۋالاشنى قۇبۇل قىلماقتا. سۇمالى زۇڭلىسى ھەسەن ئەلى 4-مارت تاراتقۇلارغا: سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى باي ئىشتاتى رايونىدا تارقالغان خولېرا ئۆتكەن ئىككى كۈن ئىچىدە ئاز دېگەندىمۇ 110 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى. خولېرا — خولېرا تىرناقسىمان باكتېرىيەسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۆتكۈر ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكى بولۇپ، بىمارلاردا دائىم قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، سۇسىزلىنىش ۋە يۇقىرى قىزىتما قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا ۋە ۋاقتىدا داۋالىمىغاندا، ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى