باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى

17 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولدى

2017.03.07 17:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېلەر يىلى يەنە بارمۇ؟» قۇتۇبى ناھىيەسى ئەرشىلىدەن بازارلىق شىپاخانىدا كېسەل كۆرسىتىۋاتقان ئامانگۈل تۇرسۇن تېببىي خادىمدىن سورىدى.

  «ھەر يىلدا بولۇپلا قالماي، بىزنىڭ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىمىز يىلدىن-يىلغا كۆپ، يىلدىن-يىلغا ياخشى بولىدۇ!»

  تېببىي خادىمنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلىغان ئامانگۈل باش بارمىقىنى چىقاردى ۋە خۇشاللىق بىلەن: « پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ياخشى جۇمۇ، پۇقرالارغا ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش يىللىق كارتىسى بېجىرىپ بەردى مانا!» دېدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، 20-يانۋارغا قەدەر، قۇتۇبى ناھىيەسىدە جەمئىي 105 مىڭ 952 كىشى سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىغان.

  «گەرچە تۇنجى نۆۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئاياغلاشقان بولسىمۇ، بىراق سىرتتا بولۇپ قېلىش تۈپەيلى كېلىپ تەكشۈرتەلمىگەن كىشىلەر ھەر ۋاقىت ئۆزىگە يېقىن جايدىكى يېزا-بازارلىق شىپاخانىلارغا بېرىپ، سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتسە بولىدۇ.» قۇتۇبى ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن خوڭيۈ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايوننىڭ 9-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا، داۋالاشتا خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىملىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2016-يىلى 9-ئايدا، ئاپتونوم رايون شىنجاڭ نوپۇسىدىكى بارلىق شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى بىر قېتىملىق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قولايلىق داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر