باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن: «بەش تەدبىر» ئارقىلىق 11 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز

2017.03.09 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن 2-ئومۇمىي يىغىن ئېچىشتىن بۇرۇن، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى «مىنىستىرلار يولى»دا مۇنداق دېدى: بۇ يىل 11 مىليون كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشتا ئاساسلىقى مۇنداق بەش تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىلىدۇ:

  بىرىنچى، ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش. يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىگە قارىتا، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسىتى تۈزۈلىدۇ، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن كەسىپ سىياسىتى، پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، سودا سىياسىتى، مالىيە-باج سىياسىتىنى زىچ جىپىسلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى ھازىرلاپ، يېڭى بوشلۇق ئېچىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئىككىنچى، نۇقتىلىق كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش. ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ خىل كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىستۇدېنتلىرىغا قارىتا، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكلەش، ئاساسىي قاتلامدا ئۆسۈپ يېتىلىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالايدىغان ھەر بىر ئىستۇدېنتنى يىل ئاخىرىغىچە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىش، بولۇپمۇ يۆلەش تەدبىرى قوللىنىپ، ئىش ئورنىدىن ئالماشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدىن قالدۇرماي، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىدە بىر كىشىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. دېھقانلارنىڭ باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قارىتا، دېھقان ئىشلەمچىلارنى سىرتتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇش. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىجازىتىنى داۋاملىق تۆۋەنلىتىپ، كۆپ خىل ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش سىياسىتى قوللىنىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

  تۆتىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماھارەت يېتىشتۈرۈشىنى چىڭ تۇتۇش. ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ئوخشىمىغان كەسپىي ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، تەربىيەلەشنىڭ قاراتمىلىقى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى ۋە خىزمەت ئالمىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

  بەشىنچى، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش. بىر قاتار جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنىڭ قولايلىقى ۋە ئۇچۇرلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالايدىغان ھەر بىر كىشىنى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىدا يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: يۇقىرىقى تەدبىرلەر ئارقىلىق 11 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىيالايدىغانلىقىمىزغا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، بۇنىڭغا ئىشەنچىمىز كامىل.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر