باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى قاتارلىق نۇرغۇن قانۇنلار بۇ يىلقى قانۇن چىقىرىش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى

2017.03.09 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8- مارت مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىدۇ، ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش قانۇنى, دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قانۇنى، ئاكسىيە قانۇنى, ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن ساغلاملاشتۇرىدۇ.

  يۇقىرىقى قانۇن چىقىرىش پىلانىدىن باشقا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يەنە تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسىنىڭ ھەر قايسى تارماق قىسىملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەق تەلەپ ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداش قاتارلىق قانۇن-تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ؛ كۆك تاماكا بېجى قانۇنى، كېمە-پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى قاتارلىق يەككە باج قانۇنلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

  جەمئىيەت، مەدەنىيەت, ئېكولوگىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مەھەللىدە ئۆزگەرتىش قانۇنى، ئاساسىي داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قانۇنى، ئاممىۋى كۇتۇپخانا قانۇنى، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى، يادرو بىخەتەرلىكى قانۇنى، دۆلەت ئاخبارات قانۇنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە ھەمكارلىشىش قانۇنىنى تۈزۈپ چىقىپ، سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنى، ئۆلچەش-سىزىش قانۇنى, خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى, خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قاتارلىقلارنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «مەمۇرىي تەپتىشلىك قانۇنى»نى «دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن، نوپۇزلۇق ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر