باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خامچوت دوكلاتىنى داۋاملىق تەكشۈردى

ئەركىن ئىمىرباقى، شۆھرەت زاكىر، ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى

2017.03.09 15:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2016 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2017 - يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەكشۈردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ئەسقەت كەرىمباي قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى يۈ يۈپىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.

  ۋەكىل شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: خامچوت دوكلاتى، پىلان دوكلاتى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات بىلەن زىچ باغلانغان، سىياسەت يۆنىلىشى ئېنىق، ۋەزىپە، تەلەپلىرى ئايدىڭ، تەدبىرلىرى كونكرېت، كۈچلۈك بولۇپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نىڭ تىرىكى ۋە داۋامى. مەن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. يېڭى نورمال ھالەتتە مالىيە خىزمىتىگە قويۇلغان يېڭى تەلەپنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ كۆزلىمە نىشانىغا يېتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ نوپۇس تىزىملاشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىملىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە ھەقىقىي ئىسىمنى قوللىنىش تۈزۈمى قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى باشلاش ۋە يولغا قويۇشىنى قوللاپ، تېخنىكا، مەبلەغ قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا مايىللاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋەكىل خې خۇيشىڭ مۇنداق دېدى: خامچوت دوكلاتىدا بۇ يىللىق نىشان، ۋەزىپىلەر، نۇقتىلىق خىزمەتلەر كۆڭۈل قويۇپ ۋە سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات خىزمىتى، مالىيە خىزمىتىگە بولغان كۈچلۈك رەھبەرلىكى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى نامايان قىلىنىپتۇ. ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  ۋەكىل شېن يەن مۇنداق دېدى: پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلات بىلەن يىلتىزداش، مەزمۇنى ئىخچام، چىن بوپتۇ، مەن ئۇنىڭغا پۈتۈنلەي قوشۇلىمەن. مەركەز پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى خامچوتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ھەر يىلى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. دۆلەتنىڭ چېگرا بويىدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى قوللاشقا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، يانداش سىياسەت، مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

  ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت خامچوت دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «2017 - يىلى مائارىپ، داۋالاش، سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بىۋاسىتە ئىشلىتىلىدىغان چىقىمنى داۋاملىق كۆپەيتىش» كە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى «كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش»قا ئەھمىيەت بېرىپ، جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق، ھەمبەھرىلىنىش ۋە قولايلىق بولۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دەپ تەكلىپ بەردى.

  ۋەكىل ئادىل ھوشۇر مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆرۈپ كۆز ئالدىم يورۇپ كەتكەندەك بولدى، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى نامرات رايونلاردا «شىپالىق يامغۇرغا» ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر. مەركەزنىڭ نامرات رايونلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مالىيە تولۇقلىمىسى سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

  ۋەكىل تاڭ شىچېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: بۇ يىلقى خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشىدا شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى كەسپى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، ئۈرۈمچى، قورغاس، قەشقەر، كورلا قاتارلىق جايلاردا ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروتى رايونى قۇرۇلىدۇ، چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىلكىدىكى رايون ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى تەشكىللىنىپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى باشلامچى كارخانىلىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ. مەركەز مالىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان ماددىي ئەشيا تىرانسپورتى تولۇقلىمىسى بېرىپ، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنىڭ تەرەققىيات زاپاس كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، سارقىت ئاقان، ليۇ شىنچى، دۇڭ شىنگۇاڭ قاتارلىقلار تەكشۈرۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر