باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا : %90 تور ئەھلى ئىككى يىغىنغا ئىجابىي باھا بەردى

2017.03.09 09:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە: ئېلىمىزدىكى تور ئەھلىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يېقىنقى تۆت يىلدىن بۇيان تەدرىجىي ئۆرلىگەن، بۇ يىل % 90 تورداش «ئىككى يىغىن»غا ئىجابىي باھا بەرگەن، تۈزۈم ئىشەنچىسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: تورداشلارنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىپ، باشلىنىشتىن بۇرۇن جامائەت پىكرى قىزغىن بولۇش دەرىجە كۆرسەتكۈچى 2014- يىلىدىكى %76.67دىن 2017- يىلىدىكى %90.62كە ئۆرلىگەن؛ تورداشلارنىڭ ئىككى يىغىنغا بولغان ئىجابىي باھا نىسبىتى 2014- يىلىدىكى %80.7دىن 2017- يىلىدىكى %93.6كە يەتكەن.

  جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرسىتېتى تېلېۋىزىيە ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ساۋ پېيشىن مۇنداق دېدى: «يىغىن مەيدانى سىرتىدىكى ئامما يىغىن مۇساپىسىگە دىققەت قىلىپ، تور ئارقىلىق پىكىرىنى ئىنكاس قىلغان ۋە پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن، بۇنىڭ ئۆزى دېموكراتىك قاتنىشىشدۇر. ئىجابىي باھا بەرگەن تورداشلارنىڭ نىسبىتى داۋاملىق ئۆرلىمەكتە، بۇ بىر جەھەتتىن پارتىيەنىڭ 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىزنىڭ تۈرلۈك سىياسىتىمىز ئەلنى مايىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.» دېدى، ئۇ يەنە «ئىككى يىغىن»نىڭ ئارقىسىدا جۇڭگو ئىقتىسادى، ۋە جەمئىيىتىنىڭ ئىناق تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى، خەلقنىڭ بەختلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇشقا قەدەم قويىۋاتقانلىقى» تۇرماقتا، دېدى.

  دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يۈكەي مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئاساسلىقى بۇ يىل ئېچىلىدىغان پارتىيەنىڭ 19- قۇرۇلتىيى ۋە 2020- يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىق ئارقا كۆرۈنۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۈزلۈكسىز مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ ئاساستا، ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى بارغانسېرى ئەمەلىي بولماقتا، سانلىق ئاساسلار بىلەن گەپ قىلدى، دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى پۇقرالار كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەر بولدى، شۇڭا، تورداشلارنىڭ ئىككى يىغىنغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يىلمۇيىل ئاشقانلىقىنى چۈشىنىش تەس ئەمەس.

  سانلىق مەلۇماتلاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئىجتىمائىي كاپالەت، كىرىم تەقسىماتى، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 2014- يىلىدىن بۇيان تورداشلار دىققەت قىلىدىغان تېمىلاردىكى ئالدىنقى بەشىنىڭ ئىچىگە كىرگەن. مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تېمىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

  5- مارت، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 - يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، توردا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇلاھىزە قىلىش يۇقىرى دولقۇنى قوزغالدى. مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ۋە نۇرغۇن ئاخبارات ئابۇنت تېرمىنالى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى خەۋەرلەر بىلەن قاپلانغان.

  تورداش جېڭ ۋەنۋەن مۇنداق دېدى: «دۆلەت ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەيسىلا، بىز ۋەتىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىشىمىز كېرەك.»

  مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلار يەنە تېخى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كۆپ ئۇچرىغان سۆزلەرنىمۇ سېلىشتۇرۇپ چىقتى. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «تەرەققىيات» سۆزى ئۇدا تۆت يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا كۆپ ئۇچرايدىغان سۆزگە ئايلانغان، يەنە «ئىسلاھات»، «يېڭىلىق يارىتىش» ۋە «خەلق» دېگەندەك سۆزلەرمۇ ھەممىسى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان سۆز بولغان، « يەر شارى» دېگەن سۆزنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان، 2014- يىلىدىكى تۆت قېتىمدىن 2017- يىلىدىكى 13 قېتىمغا ئۆرلىگەن.

  بۇنىڭغا قارىتا، ساۋ پېيشىن مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىتى مۇقىم ئايلىنىش، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشى قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە ئاممىنىڭ دىققىتى تېخىمۇ قوزغالدى.

  بۇنىڭدىن سىرت، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت، بولۇپمۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى قاتارلىق قارالمىلارمۇ كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن دىققىتىنى قوزغىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر