باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2017.03.09 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىندا خىزمەت دوكلاتى بەردى. يىغىندا ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ھەم سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  جاڭ دېجياڭ دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-، 5-، 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن خىزمەت ھوقۇقىنى ئەستايىدىل يۈرگۈزۈپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى سەككىز قانۇن تۈزۈپ، 27 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، قانۇنىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار يەتتە قارارنى ماقۇللىدى، بىر قانۇن ئىزاھاتى چىقاردى، بىر قانۇن لايىھەسى، قانۇنىي مەسىلىلەرگە ئالاقىدار ئۈچ قارار لايىھەسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىشقا سۇندى، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىدە داۋاملىق مىقدار كۆپ، سالمىقى ئېغىر، رىتىمى تېز بولۇشتەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلۈپ، قانۇن چىقىرىش سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى؛ ئالتە قانۇننىڭ يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ 20 خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ قاراپ چىقتى، ئىككى قارارنى ماقۇللىدى، ئۈچ قېتىم مەخسۇس تېمىدا سۈرۈشتۈردى ۋە بەش مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نازارەتچىلىك خىزمىتىنى ئەمەلىيەت جەريانىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى يەنىمۇ ئاشتى؛ مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسىگە ئالاقىدار سەككىز دوكلات، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە ئالاقىدار يەتتە دوكلاتنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ئېلىمىزنىڭ چەت ئەللەر بىلەن تۈزگەن يەتتە شەرتنامە، كېلىشىم ۋە ئەزا بولغان خەلقئارا ئەھدىنامىنى تەستىقلاشنى قارار قىلدى، دۆلەت ئورگانلىرىدىكى بىر تۈركۈم خىزمەتچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى ۋە تەستىقلىدى، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى ئىلگىرىكى ئاساستا يەنە يېڭى نەتىجە ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر