باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مۇقىم ئېشىش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، تىرىشىپ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش كېرەك

2017.03.07 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. جياڭ يىكاڭ، سۈن ۋېي، زۇڭ چېڭلې قاتارلىق ۋەكىللەر تەرەققىيات سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، تاشقى سودىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بەس-بەستە سۆز قىلدى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر مۇزاكىرىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا دۆلىتىمىز تەرەققىياتى مۆلچەردىكىدىن كۆپ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز نۇرغۇن خىرىسلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇپ، ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالدۇق.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون 100 مىليارد دوللاردىن ئاشتى، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا بۇ يىللىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتىكى كۆزلىمە نىشاننىڭ %6.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ ئوتتۇرھال يۇقىرى ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاپ، ئىقتىساد قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مىقدارى بۇلتۇرقى سەۋىيەدىن ئېشىپ، بىر قەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولالايدۇ. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي رىتىمى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى دىققىتى ۋە خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا قويۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى كۈچەيتىش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ساقلاشتا چوقۇم تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭى-كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشىنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىساد دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تىپ ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچى بولسا 1 مىليارد 300 مىليون كىشىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادكارلىقىنى قوزغاش. مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، زور كۈچ بىلەن باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، كارخانىلارنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئازادە، سىغدۇرۇشچان، ئادىل مۇھىت بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى ۋە تەلىپىگە ماسلىشىپ، «ئالاقە تورى +»غا تايىنىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئىجادكار قاتارلىقلار ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىدىغان سۇپا قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېزراق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە زورايتىش، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، سېتىش ئەندىزىسى يارىتىپ، پۈتۈن ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى سەۋىيەگە تېز يېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر