باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى: مەملىكەت بويىچە ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى ئائىلە ھۆددىگەرلىكىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ % 35نى ئىگىلىدى

يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ قەرز بېرىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ

2017.03.08 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ، مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ تاۋلىن «يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»گە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خەن چاڭفۇ «يېزىلارنىڭ يەر ئوبوروتى»غا ئالاقىدار سوئالغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: يەر مەسىلىسى نۆۋەتتىكى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ھازىر، مەملىكەت بويىچە ئوبوروت قىلىنغان يەر كۆلىمى ئائىلە ھۆددىگەرلىكىدىكى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ % 35نى ئىگىلەپ، كۆپ خىل شەكىلدە ئوبوروت قىلىندى.

  خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يەر ئوبوروتىدىكى بىر مۇھىم مەسىلە دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش. شۇڭا، ھۆددىگە ئالغان يەرنىڭ ھوقۇقىنى بېكىتىش، تىزىملاش، كىنىشكا بېرىش خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەندە، ھەر بىر دېھقاننىڭ ھۆددە يېرىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى، چوڭلۇقى، يەرنىڭ مۇنبەتلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقىنى ئېنىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، باھالاپ، تىزىملىغاندىن كېيىن كىنىشكا بېرىمىز. دېھقانلار بۇنى ئەمەلىي ھوقۇقنى بېكىتىپ، پولاتتەك ئىسپات بېرىش، دەپ ئاتايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتى قوغدىلىپ، يېرىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ، خاتىرجەم سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى يولغا قويدۇق، بۇنىڭ بىلەن يەرنىڭ كوللېكتىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىپ، كوللېكتىپ، ھۆددىگە ئالغۇچى دېھقان ۋە يەر ئوبوروت قىلغۇچىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىلى ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.خەن چاڭفۇ يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنە قويۇپ قەرز بېرىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىۋاتىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن قەرز ئالغاندا، ئىشلىتىش ھوقۇقىنى رەنىگە قويسا بولىدۇ، ھازىر ئومۇمەن يەرنىڭ كۆزلىگەن پايدىسى رەنىگە قويۇلۇۋاتىدۇ، يەنە باشقا جەھەتلەردىمۇ ئىزدىنىۋاتىمىز. مەسىلەن، ھۆددە يەرنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا سۇغۇرتا جەھەتلەر ياردەم بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قاتارلىقلار، بۇنىڭ ھەممىسى يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ئىپادىسى. چۈنكى بىزنىڭ سىياسەت يۆنىلىشىمىزمۇ يەرنى كۆلەملەشتۈرۈش باشقۇرۇشنى قوللاش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر