باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم، دەپ تەكىتلىدى

2017.03.08 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە، مەسىلە ئېڭى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە، پارتىيەنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى، دەۋر تۇيغۇسى ۋە جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھازىر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئېنىق تونۇپ، مەسىلىگە قارىتا «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش»، ئۇنىۋېرسال تەدبىر كۆرۈش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمىتىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش؛ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىن ئىبارەت ئاساسىي يولدىن پايدىلىنىپ، ئىلىم – پەن سىستېمىسى ۋە دەرسلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىرلەندۈرۈش ۋە تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەمتۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ پارتكومى ئالىي مەكتەپ خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر