- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بۇ يىل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ئۈرۈمچىدىن لوندونغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاچىدۇ
2017.03.08 16:30 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئۈرۈمچىدىن لوندونغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى ئاچىدۇ. نۆۋەتتە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى لوندونغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسىگە جىددىي تەييارلىق كۆرۈپ، بۇ يىل ئىچىدە ئېچىشنى پىلانلىغان.
3- ئاينىڭ 6- كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى فۇ پۇيەننىڭ ئاشكارىلىشىچە، يولۇچىلار بۇرۇن شىنجاڭدىن لوندونغا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ بېرىشتا، ئالدى بىلەن ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا بېرىپ، يەنە غەربكە قاراپ ئۇچۇپ شىنجاڭدىن ئۆتۈپ لوندونغا بارىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا بېرىشقا بەش سائەتكە يېقىن ۋاقىت كېتىدىكەن، بۇ ئارىلىققا بېرىپ كېلىشكىلا 20 سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن، ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە لوندونغا ئۇچىدىغان ھاۋا يولى لىنىيىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، بۇ 20 سائەت ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن، ۋاقىتنى تېجەپلا قالماي، يەنە شىنجاڭلىق يولۇچىلارنىڭ چىقىمى تېجەپ قېلىنىدىكەن
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر