باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەزا فاتىمە مەخمۇت چەتكە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «شىنجاڭ ئەترىتى»نى بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى

2017.03.07 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭ ئادۋوكاتلىرى ‹بىر بەلباغ، بىر يول›دىكى قانۇن ئارقىلىق قوغداش مۇساپىسىدە، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى ئاكتىپلىق بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، ئەلا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.» مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى فاتىمە مەخمۇت مۇنداق قارىدى: يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يادرولۇق رايونىدىكى شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋىتىشىدە مۇھىم ئىستىھكاملىق رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى قانۇن مۇلازىمىتى جەھەتتە، شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلارنى «قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ» دېگەن ماقالغا ئوخشاش ئەھۋالدا دېيىشكە بولىدۇ.

  فاتىمە مەخمۇت مۇنداق دېدى: چەتكە چېتىشلىق ئىشلاردا ئادۋوكاتلار چەت ئەللەرنىڭ قانۇن مۇھىتى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۆرپ-ئادىتى، دىنى ئېتىقادىنى چۈشەنمىسە، چەت ئەللەردە شىركەت، كارخانىلار ئۈچۈن يۇقىرى سۈپەتتىكى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ بېرەلمەيدۇ. شىنجاڭدىكى ئادۋوكاتلار ئاكتىپلىق بىلەن چەت دۆلەتلەرگە چىقىپ قانۇن مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىشى، دۆلىتىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىپ تىجارەت قىلىۋاتقان شىركەتلەر ئۈچۈن بىر يۈرۈش سودا، قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  نۆۋەتتە، مەملىكىتىمىز بويىچە 500دىن كۆپرەك ئادۋوكات ئېلىمىز ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ چەتكە چېتىشلىق باشلامچى ئىختىساسلىقلار ئامبىرىغا كىرگۈزۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق پەقەت تۆت نەپەر ئادۋوكات بار. «شىنجاڭنىڭ چەتكە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتىنىڭ باشلىنىشى كېيىن، مۇلازىمەت سەۋىيەسى تۆۋەن، ئىختىساسلىقلار كەمچىل، شۇڭا زور كۈچ بىلەن چەتكە چېتىشلىق ئادۋوكاتلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، چەتكە چېتىشلىق قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇقىرى ساپالىق بىر ‹شىنجاڭ ئەترىتى› قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.» فاتىمە مەھمۇت شۇنداق دېدى.

  ئۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئادۋوكاتلار قوشۇنى ۋە يۇقىرى ساپالىق چەتكە چېتىشلىق قانۇن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىشىنى، شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر