باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىن 300 مىڭى تاماملاندى

ۋەزىپە مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، بىر مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى

2017.03.08 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 6- كۈنى، خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش ئۆيى ئالدىدا تۇرۇپ، تېلېفوندا خۇشال ھالدا مۇخبىرغا بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانى ئۈستىدە سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ئاقتوقاي يېزىسىنىڭ جىگىدىلىك كەنتى ئاھالىسى ئەلى مۇسا مۇنداق دېدى: مەن ئازراق سېمونت سېتىۋېىلپ، ھويلىنى قاتتۇرۇپ، ئاندىن ھويلا تېمى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن، بۇنداق بولغاندا يېڭى ئۆيۈم تېخىمۇ مۈكەممەل بولىدۇ.»

  خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق 9ـ قۇرۇلتايدا خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇپ، نەپ يەتكۈزۈش، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۆتكەن يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 22 مىليارد 348 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بۇ، 2016- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پۈتۈن جەمئىيەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈككە بولغان سېلىنمىسىنىڭ %2.24ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، مەبلەغ سېلىنغان سېلىنما كۆرۈنەرلىك ئاشقان.

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇلتۇر 11- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 300 مىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىن 300 مىڭى تاماملانغان، تاماملاش نىسبىتى %100كە يەتكەن، ۋەزىپە مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. مۇشۇ ۋاقىتقىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ شۇ يىللىق پىلانىدىكى 300 مىڭ كىشىلىك نىشان ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان، تەخمىنەن 120 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت دېھقان ئاممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر