باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەزا فەن شياۋيەن ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپى بەردى

2017.03.08 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8–مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چوڭ-كىچىك كوچىلاردا يېقىملىق رادىيو گىمناستىكا مۇزىكىسىنىڭ ئاۋازى ياڭرىغاندا، كىشىلەر ئىشخانىلىرىدىن، زاۋۇت-سېخلاردىن چىقىپ، كانايدىن چىقىۋاتقان مۇزىكىغا ئەگىشىپ بىرلىكتە رادىيو گىمناستىكىسى ئوينايدىغان ئىشلار نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېسىدە بار. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى فەن شياۋيەن ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسىنىڭ پەقەت ئەسلىمە بولۇپ قېلىشىنى خالىمىدى، ئۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەكتەپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا ئومۈميۈزلۈك ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەكلىپىنى سۇندى.

  زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلات»ىدا ئاممىۋى تەنتەربىيە، مۇسابىقە تەنتەربىيەسى، تەنتەربىيە كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرۇش، تەنھەرىكەت خۇشاللىقىنى تېخىمۇ كۆپ ئادەمگە ھېس قىلدۇرۇش، ساغلام بولغان روھقا ۋە بەدەنگە ئىگە بولۇش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسى دەل تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى ياخشى ئاممىۋى تەنھەرىكەت شەكلى بولۇپ، كۈچەپ كېڭەيتىشكە ئەرزىيدۇ،- فەن شياۋيەن شۇنداق دېدى.

  ئەزا فەن شياۋيەن: ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسى تۈزۈمىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مەكتەپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ھالقىسىغا قوشۇپ، ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا كىرگۈزۈش، شۇ ئارقىلىق ئىش ئارىلىقى گىمناستىكىسىنى بىر خىل تۈزۈم خاراكتېرلىك تەنتەربىيە پائالىيىتى سۈپىتىدە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر