باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-ئاينىڭ 8-كۈنى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2017.03.08 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خام چوت دوكلاتىنى تەكشۈردى؛ مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ، ئايرىم- ئايرىم پىلان دوكلاتى ۋە خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە، خەلق سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ بەرگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جيەنگو بەرگەن ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسى ھەققىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چېن بەرگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىگە ئائىت ئىزاھاتى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن كېيىن «يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنلەشتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يولىنى كەڭ ئېچىش» تەكلىپ بېجىرىش بويىچە كېڭىشىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  8-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ ئاخبارات مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى «جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر