باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا بىر پويىز بىلەن ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ تۆت كىشى قازا قىلدى

2017.03.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتىنىڭ بلوكسى شەھىرىدە 7-مارت بىر يۈك پويىزى بىلەن بىر ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ تۆت كىشى قازا قىلدى.

  بلوكسى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىسسىسىپى ئىشتاتىنىڭ ئەمەلدارى ۋەقەدە ئاز دېگەندە تۆت كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، يەنە يارىلانغان 35 كىشىنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  خەۋەردە، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ ئېيتىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە بۇ ئاپتوبۇس قارىماققا رېلىسنىڭ ئۈستىدە قىسىلىپ قېلىپ، پويىزغا سوقۇلۇپ كەتكەن.

  بلوكسى ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون مىللېر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان «قورقۇنچلۇق، قالايمىقان» بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەن چوڭ ماشىنىدا تەخمىنەن 50 يولۇچى بار ئىدى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر