-ئاپىسى، ھەر قېتىم سىياسىي كېڭەشنىڭ يىغىنىغا بارسام ھەممىسى گالېستۇكۇمنى بەك چىرايلىقكەن دەپ ماختىشىپ كېتىدۇ. بۇدا قېتىم بېيجىڭدىن قايتىپ كەلسەم سىياسىي كېڭەشتىكى باشقا ئەزالار بىلەن يەنە قاچان كۆرۈشىمەن بۇنى بىلمەيمەن، شۇڭا ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا خاتىرە سۈپىتىدە بىز تاجىكلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەنگەن گالىستۇك، دوپپىلاردىن ئالغاچ بارايمىكىن دەيمەن.
-بەك ياخشى ئويلاپسىز دادىسى، مەن ئەمىسە ئۇرۇق تۇغقانلارنى بىر يىغىپ سىز بىلەن بىر گۇرۇپپىدىكى بارلىق ئەزالارغا ئۆز قولىمىزدا تىكىلگەن دوپپا گالىستۇكلارنى تەييارلاپ بېرەي، ئۇلارغا ئالغاچ بېرىڭ.
بۇ ئۆتكەن يىللىق سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىن قايتقان دەيمىك دىۋانا بىلەن ئايالىنىڭ پارىڭى. بىر يىلدىن بۇيان دەيمىك دىۋانا خەلق ئارىسىدا يۈرۈپ سىياسىي كېڭەشكە يوللايدىغان تەكلىپ لايىھەلىرىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرگىنىدە ئۇنىڭ ئايالى غېرىب سۇلتان ئۇرۇق تۇغقانلار بىلەن بىرلىكتە ئەللىك كىشىلىك دوپپا ۋە گالىستۇكنى ئۆز قولىدا تىكىپ پۈتتۈردى.
سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى تۇنجى مۇزاكىرىسىدىن يېنىپلا بارلىق ئەزالار ئۇلارنىڭ ئەكەلگەن بۇ قىممەتلىك سوۋغىسىدىن ھاياجانلىنىپ ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈردى. غېرىب سۇلتان باشچىلىقىدىكى بۇ قولى گۈل كىشىلەر سىياسىي كېڭەشتىكى بۇ گۇرۇپپا ئەزالىرى ئالدىدا يالغۇز دەيمىك دىۋانانىڭلا ئەمەس بارلىق شىنجاڭ خەلقنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ يورۇق قىلدى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تالانتلىق رىياسەتچىسى خەي شىيا ئۇنىڭ بۇ سوۋغىسىغا چوڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى.